ۋىسال شارابى(زۈمەر)
تۈن كېچە،
تۆشەكتە ياتىمەن سوزۇلۇپ،
گوياكى قەبرىدە ياتقاندەك جىمجىت،
خىيالىم ئۇزۇندۇر شۇنچىلىك ئۇزۇن،
كى قىسمەت كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكچى بولغاندەك،
نى يالغۇز ماڭغان تەقدىر يولىدەك،
يول ئۇزۇن،
خىيالىم ئۇزۇن،
ئۇيقىدا سويلىنىپ ياتقان يىلاندەك،
كېچىدە گادىرماچ ئاققان دەريادەك،
تىنىچ،
يەنە تىنىچ،
جىم بول يۈرىكىم،
بولدى بەس تۈگىمەس خىيال،ئىچمەيمەن،
بۇ قانداق شاراپ؟
روھىمنى چۇلغىغان،
مېڭەمنى قوچىغان،
يۈرەكنى قايتا تىلغاپ،
ياستۇق نەمدىگەن،
قەترە بولۇپ ناگان-ناگاندا كىرپىكىمدە،
شەبنەمگە ئايلىنىپ،
قىروغا جان بەرگەن،
يۈزۈمنى يۇيۇپ،
«ئۇھ»بىلەن خاتىمە بەرگەن،
كەتكەن ئەمدى كەلمەسكە،
ھازىردىن يىراق قالغان،
ئۇزۇن ئۆتمۈشتە،
شاراپ بولۇپ بىمەھەل،
مېنى،
سېنى،
مەسىت قىلغان،
ۋىسالسىز ئۆتمۈشتە،
بىر خىل رەۋىشتە،
جان قىينىغان،
نادامەت قاپلىغان،
ئاچچىق ئۆتمۈشتە…
(قەشقەر)
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
81 قېتىم كۆرۈلدى | zumar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-7 0:44:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|