ئەمەس
ئاپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئەزىز
كۆرگەنلىرىڭ ھەقىقەت،
بۇ بىر چۈش ئەمەس.
ئاڭلىغىنىڭ بەلكى يالغان،
ئۇمۇ راست ئەمەس.
تۇنۇشلۇرۇڭ ناتۇنۇش،
ئەسقاتقان ئەمەس.
ئىشەنگىنىڭ ئىشەنچىسىز،
ئۇ راستچىل ئەمەس .
قەلبىڭدىن سۆيگەنلىرىڭ،
سۆيگىسىز ئەمەس.
مىھرىڭنى بەرگەنلىرىڭ،
مىھىرلىك ئەمەس.
ئارزۇلاپ كۈتكەنلىرىڭ،
سەبىرلىك ئەمەس.
ئىشقىڭنى بەرگەنلىرىڭ،
ۋاپالىق ئەمەس.
دەرت تارتىپ كۈلگەنلىرىڭ،
ھىچ ئۆتكەن ئەمەس.
پاك ياشايمەن دىگەنلىرىڭ ،
ھەم ئاسان ئەمەس.
98 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-5 21:27:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|