ئايرىلىپ كەتتىم
ئابدۇقەييۇم غېنى كۆكيال
ئايرىلىپ كەتتىم!
يوقاتماي دەپ مەغرۇرلۇقۇمنى،
ئايرىلدىم بۈگۈن كېچىپ ھەممىدىن.
لېكىن مەندە ھېچقانداق سىزىم بولمىدى،
بۇ ئادەتتىكى بىر ئىشتەك،
دائىم بولۇپ تۇردىغان بىر ئىشتەك تۇيۇلدى ماڭا
بىلدىم ئاخىر شۇنىڭدىن كېيىن...
ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمنى.
ئايرىلىپ كەتتىم،
ئىككى كۆز بۇقۇلداپ يېغلىدى،
بەلكىم !
ۋەيران بولدى ئەقىدىلەر دەپ ،
يالغان ئىكەن ۋەدە قەسەم دەپ،
ساختا ئىكەن سۆيگۈ دەپ،
ئېيىتقان قەسىدىلەر دەپ.
قولىنى تۇتۇشنى ئويلاپ باقمىدىم ئۇنىڭ،
يۈگۈرگەنچە سېڭدى ئۇپۇققا.
ۋە ئارقىدىنلا يوقالدى ئاستا–ئاستا
مەن يەنىلا ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك
تاماكىنى شورىغانچە قاراپ ئولتۇردۇم.
ئاي يۈزىدىن تارىغان ئوتقا.
ئايرىلىپ كەتتىم.
يەلكەمنى بېسىپ تۇرغان تاغ پارتىلاپ كەتتى.
ئۆزۈمنى قۇشتەك ئەركىن،
سۇلاردەك لەرزان،
ھاۋادەك يەڭگىل ھېس قىلدىم.
لېۋىمدىكى غەمكىن سۈكۈتۈم،
يوقالغاندۇ نەگە دەپ.
ئازراق ھەيران بولغاندىن باشقا...
ھېچ ئىش بولمىدى.
ئايرىلىپ كەتتىم.
ئۆزۈمنى ئالداشنى خالىمغان ئۈچۈن،
ئۆزگىنىمۇ ھەم.
سۆيگەچكە مەغرۇرلۇقنى قىزلاردىن بەكرەك،
مۇھەببەتنى ئۆزۈمگە راۋا كۆرمىدىم.
زېرىكىشلىك سۆيگۈنىمۇ ھەم.
ئايرىلىپ كەتتىم
ھېچكىشىگە دېمەي ھېچنىمە...
2015/09/02
127 قېتىم كۆرۈلدى | kokyal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-8 23:22:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|