ئۈجمە پىشتى
رۇشەنگۇل مۇھەممەد (مودەن)
سەھەر كەپتۇ قۇشقاچلار ئۈجمە پىشتى دەپ،
يوشۇرۇپتۇ يوپۇرماق قىزغىنىپتۇ زەپ.
تاڭ سەھەرنىڭ جۇلاسى جاھاننى يالاپ،
مەندىن بۇرۇن ئۈجمىنى يىگىنىنى خەپ.
شاماللارمۇ ئۈجمىگە قىلىدۇ چاقچاق ،
شاخلىرىدىن ئىتەككە تاشلايدۇ شۇنداق.
شېرىن پىشقان ئۈجمىدىن كەلدى بىر خىيال،
ئوخشاتتىممەن ئانامنىڭ سۈتىدەك ئاپپاق.
سەنمۇ كەلگىن بەرىكەت ئۈجمىلەر دىگەن،
سوراپ باققىن بوۋاڭمۇ دورا دەپ يىگەن.
چۇقۇرىشىپ شاخلاردا يىمىدىم دىمە،
نوتىلارنى سۇندۇرۇپ تاياقمۇ يىگەن.
تەھرىر:مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
453 قېتىم كۆرۈلدى | modan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-28 12:03:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|