پۇرىۋالغىن تاغدەك داداڭ ھېدىنى
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
ۋاپادار بول يوقلاپ تۇرغىن داداڭنى ،
ئۇنۇتمىغىن جاپالىق شۇ ئەجرىنى .
داداڭ بولغاچ كۈلەلەسەن ھەر زامان ،
تېرىكلىكتە قېلىۋالغىن قەدرىنى .
تېرىكلىكتە قېلىۋالغىن قەدرىنى .
تۇتېۋالغىن ھېرىپ تالغان بېلىنى .
خىرەلەشكەن كۆزلىرىگە بېقىۋال ،
پۇرىۋالغىن تاغدەك داداڭ ھېدىنى .
پۇرىۋالغىن تاغدەك داداڭ ھېدىنى ،
بېرىۋالغىن بالىلىق چىن مېھرىڭنى .
مىڭغا كىرمەس ئۆمۈر دېگەن چەكلىك ئۇ ،
چۈشەيدېغۇ كۈندە تىلەپ بەختىڭنى .
چۈشەيدېغۇ كۈندە تىلەپ بەختىڭنى ،
ئويلاپ باقماس ئەسلا راھەت كۆرۈشنى .
قىلماس تاما ئاتاڭ سەندىن ھېچ نەرسە ،
سېنى باققان يەنە ئويلار بالاڭنى .
سېنى باققان يەنە ئويلار بالاڭنى ،
كۆرمەي تۇرۇپ كۆڭلى تېنماس قاراڭنى .
ئازلىق قىلار يازساڭ داستان ئەجرىگە ،
يۆلەنچۈكىڭ مېھرى ئىسىق داداڭنى .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!!
75 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-17 1:43:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|