سەبىيلەرگە رەھىم قىل دۇنيا
غەمسىز ئىدىم مەن سەبىي چاغدا ،
ئاداشلىرىم شۇنچە كۆپ ئىدى .
مەھەللىنى چاڭ كەلتۈرەتتۇق ،
ئۇ چاغلاردا ئوغرى يوقمىدى ؟
يۈگۈرۈشۈپ ،مۈكۈشمەك ئويناپ ،
يىراقلارغا كىتىپ قالاتتۇق .
كەچ بولغاننى تۇيماي بەزىدە ،
ئۆيگە قايىتقاچ يۇلتۇز سانايتتۇق .
نىم بولدىكىن بۈگۈن زامانغا،
چىقما سىرتقا دەيمەن بالامغا.
پالان يەردە پالان ئىش بوپتۇ .
ئۇچراپ قالـما زادى يامانغا .
ئاڭلىغاندا شۇ سۆزلىرىمنى ،
جان بالامنىڭ تىترەر يۈرىكى .
كۆزلىرىمۇ چەكچىيىپ كىتەر،
تەبەسسۇمى يۇقاپ يۈزىدىكى .
دىيەلـمەيمەن باتۇر بول،قورقما .
سەن خاتىرجەم قىيغىتىپ ئوينا .
چۈنكى ئۆزۈم بولدۇم قورقۇنچاق،
سەن گۇناھنى مېنىڭدە قويما .
ئەشۇ ئىپلاس بالا ئوغرىسى،
سەبىيلەرگە قارا قول سوزدى.
يۈتتى قانچە مەسۇم گۆدەكلەر،
ھەر ئۆيلەردە خوشلۇق توزىدى.
شۇنداق دېگۈم كىلەر دۇنياغا،
سەبىيلەرگە رەھىم قىل دۇنيا.
ئۇ شۇ قەدەر پاك ھەم بىغۇبار،
پەسكەشلەرنى يۇتقىن ئەي دۇنيا !
مەرھابا نۇرمۇھەممەد ئۆزنۇر يازمىسى
107 قېتىم كۆرۈلدى | oznur326 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-5 0:35:06 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|