ئەسىر قىلدى تەگسىز خىياللار
شۇنچە خىلۋەت تۈن قاراڭغۇسى ،
ھەمراھ بولدى يۈرەك يارامغا .
نىدالىرىم غەليان كۆتۈرگەچ ،
تەسىر قىلدى ئۇيقۇ ئارامغا .
ـكۆزلەرىمدە لەختە قان ياشلار ،
ئەسىر قىلدى تەگسىز خىياللار .
ئاھ ئۇردۇردى زېدە يۈرەكنى ،
يېتەلمىگەن ئاشۇ ۋىساللار .
چاقماق چاقسا ئۇپۇق باغرىدا ،
بۇلۇتلارغا بولارمۇ تەڭداش ؟
تەشنا بولغان ۋىساللىرىڭغا ،
يېتەر قاچان چاڭقىغان بەڭباش !
ئۆتتى كۈنلەر بىر جام مەي بىلەن ،
شوخ يىگىتنى قىلىپ نىمكەيىپ.
خالىــــــمىساڭ مەيلــى جانـــــانىم ،
مەي ئىچىشقۇ ئەمەس بىر ئەيىپ .
ھەتتەم كەتتىم بۈگۈن يېنىڭدىن ،
بەخىت تىلەپ بۇ چىن يۈرەكتىن .
《ئۆركەش》 قەدرى يەتكەندە بىر كۈن،
قايتىپ كەلمەس ھەرگىز تىلەكتىن .
نۇرئېلى ئابابەكرى ، ئۆركەش
2015-يىل 18-ئىيۇل 02:56am
157 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرئېلى ئابابەكرى ـ ئۆركەش | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-18 9:53:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-24 9:20:48 | Awaay |
Nahayiti yahxi yeziliptu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|