قىلالامسەن قەدرىمنى
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
مۇڭداشقانتۇق كۆرگەنلەرنى تالاشماي ،
چىداشقانتۇق يۈرگەنلەرنى سوراشماي .
شۇندىن بېرى يۈرۈگۈمدە مۇڭسىراش ،
خوشلاشقانتۇق بىر - بىرىمىز چىداشماي .
مېھرىڭ يانسا كۆزلىرىڭمۇ بېخىلكەن ،
تېلىڭ چالسا سۆزلىرىڭمۇ خېجىلكەن .
ئۆرتەنمەكتە ھەسرەتلەردە يۈرۈگۈم ،
يايرىڭ چانسا دىللىرىڭمۇ سۇنۇقكەن .
ئۇزۇن يىللار كۈتكەن ئىدىم بىلمەسمۇ ،
تېلغاپ دىللار ھەسرەتلىرىم سەزمەسمۇ .
چۈشەنمىدىم ئەمدى كىتەي يېراققا ،
ئازغۇن يارلار سۆيگۈلىرىم بىلمەسمۇ .
ھەيران بولدۇم چۈشكەنمىدۇ ئاسماندىن ،
بىلەلمىدىم چانغانمىدۇ جاناندىن .
نىمە دەيمەن گۈل سۇنمىغان يارلارنى ،
بەك قورقىمەن سۆيگىنىدىن چانغاندىن .
غازاڭلىرىڭ سارغايغاندا كەلدىڭمۇ ،
پۇشايماندا قىينالغاندا كەلدىڭمۇ .
يەنە كەتسەڭ كەچۈرمەيمەن ئەبەدىي ،
كۈتكىنىمنى بىلىۋالغاچ كەلدىڭمۇ .
قانداق قىلاي بىلەلمىدىم سېھرىڭنى ،
كىمگە ئېيتاي ئىچىمدىكى دەردىمنى .
كەچۈرەيمۇ سۆيەلەمسەن بىلمىدىم ،
قېنى ئەمدى قىلالامسەن قەدرىمنى .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!
99 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-24 22:17:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|