يارىم مېنى تاشلاپ كەتمىگىن (ئوتقاش)

يارىم مېنى تاشلاپ كەتمىگىن

 

ناخشا تېكىستى

 

 ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

 

 مېنى يالغۇز قويۇپ نىگارىم،

 كۆزلىرىمنى ياشلاپ كەتمىگىن.

 يۈرىكىمنى مىڭ پارە ئەيلەپ،

 يارىم مېنى تاشلاپ كەتمىگىن.

 

 باغىڭ بۇلاي باھار سېغىنساڭ،

 تاغىڭ بۇلاي يۈلەكسىز قالساڭ.

 باغرىم ياراي سۆيگۈ سورىساڭ،

 يارىم مېنى تاشلاپ كەتمىگىن.

 

 ئۆزگىلەرگە قىلمايمەن ھەۋەس،

 نامەردلەردىن بولغايمەن پەخەس.

 سەنسىز كۈنۈم ئۆتەر بەكمۇ تەس،

 يارىم مېنى تاشلاپ كەتمىگىن.

 

قويساڭ مېنى تىكەندەك يالغۇز،

 ئاسمىنىمدىن ئۆچىدۇ يۇلتۇز.

 ئۆتمەس گالدىن گىياھچە ئاش تۇز،

 يارىم مېنى تاشلاپ كەتمىگىن.

 

 2015-يىل 9-ئاي 10-كۈن دىيارى بارچۇق





119 قېتىم كۆرۈلدى otkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-16 14:33:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ