كۆزلىرىمگە قويساڭ بىر قاراپ

ئ‍ىزھار قىلسام كۆڭلۈمنى ساڭا،

چاقچاق قىلماڭ دىدىڭ ئ‍الدىراپ.

كۆرۈپ قالاتتىڭ ھارغىچە دەتنى،

كۆزلىرىمگە قويساڭ بىر قاراپ.

 

بولغان بولسا گەر يىرىپ بىرەتتىم،

يارغان يۈرەكتىن دەتنى كۆرگىلى.

يۈرەكىمگە ئ‍ورناپسەن مىختەك،

يا بولمىدى خەقنى سۆيگىلى.

 

دەت ئ‍ۈستىگە دەتلەرنى سىلىپ،

ھىجارىسەن يەنە تۇرقۇمغا قاراپ·

كۈلىشىدۇ دۈشمەن دوست يارەنلەر،

ئ‍الدىمدا بەزلەپ، كەينىمدە ماراپ.

 

بەلكىم سىنىماق بولدۇڭ سۆيگۈمنى،

بەلكىم كۆڭلۈڭدە بادۇر باشقا بىرى.

ئ‍اۋارە بولمىغىن سىناپ يۈرەگىم،

ئ‍ىشقىڭدا كۈل بولارمەن ئ‍اخىرى.


نۇرمۇھەممەت ئ‍ازغۇن يازمىسى

ئاپتور ئۈندىدار: 787204543

2015*6*26





261 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 3:52:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-7-29 14:01:34 گۈلئايىم
3-كۇبلىتىتا راۋان بولمىغان مىسرا بار.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ