تەمبۈرۈم
ھەر بارە يۈرەكنى چىكەر تەمبۈرۈم،
مۇڭىدىن قەسىدە پۈتەر تەمبۈرۈم.
ئىيتىمەن سازلارنىڭ شاھى،تاجى دەپ،
ئەڭ گۈزەل كۈيلەرنى تۈكەر تەمبۈرۈم.
نىچۈندۇر ئازاپلىق بىر ناۋا ئەيلەر،
گاھ شىىرىن تۇيغۇمدا ئۆزەر تەمبۈرۈم.
بەزىدە ھەركىمگە بولۇپ لىرىكا،
شىرىن بىر لەززەتنى بىرەر تەمبۈرۈم.
بەزىدە ھەسرەتۇ-قايغۇ بىغىدا،
ئازاپلىق بىر خىيال سۈرەر تەمبۈرۈم.
ھەر كىملەر ھەرخىيال بىلەن بەنىتتۇر،
چۈشەنسە ھەر دىلنى سۆيەر تەمبۈرۈم.
نىمىگە مۇنچىلا غىرىپ كۈيچىسەن؟
يىغلايمەن بەزىدە بىلەر تەمبۈرۈم.
خىيالىم بەرگىدە تۇرىدۇ يالغۇز،
ئاھ نىچۈن يىغىدەك كىلەر تەمبۈرۈم.
ئۆزقىر شىئىرى
136 قېتىم كۆرۈلدى | ئۆزقىر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-21 10:25:39 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|