ئانام
مۇھەممەت ئىمىن سەھرايى
ماڭا ھايات بەخىش ئەتكەن شۇئانام،
خۇشلاشمايلا باقىدىن كەتكەن شۇئانام.
ئاپىرالمايلا سىنى يۈدۈپ مەككىگە،
ھاياتلىق مۇساپەڭ بۇپ كەتتى تامام.
جاپالار بىلىڭنى ئەككەن ئەي ئانام،
شاپىلاق يۈزۈڭگە تەككەن ئەي ئانام.
تاشلاپ بىزنى يالغۇز قۇيۇپلا،
قاراگۆرنى ماكان ئەتكەن ئەي ئانام.
بىر ئۆمۈر رىيازەت چەككەن ئەي ئانام،
ئاھانەت يۈرەككە تەككەن ئەي ئانام.
چۇڭ قىلغان پەرزەنتىڭ جاپالىرىمۇ،
قەددىڭنى پۈكتۈرۈپ.ئەككەن ئەي ئانام.
سىنى ئەپكەتكەن دەتكەن ئەي ئانام،
كۈلگەنلەر بىزگىمۇ خەقكەن ئەي ئانام.
پۇل تېپىپ ئەمدى باقاي دىگەندە،
كىتەمسەن ئىشلىرىڭ بۇلۇپلا تامام.
2015.8.16
چىرىيە سەھەر
198 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-16 11:31:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|