چىن سۆيسە دەيمەن
مەمەتجان سەمەت
بارچە ئاشىق يىگىت قىزلىرىمىز،
كۆيگەن ئىكەن چىن كۆيسە دەيمەن.
بولماي ئەسلا يامان نىيەتتە،
سۆيگەن ئىكەن چىن سۆيسە دەيمەن.
يالغان سۆزلەپ خىيانەت قىلماي،
لەختە قىلىپ يۈرەكنى تىلماي.
ئۆز يارىدىن باشقا يار تۇتماي،
سۆيگەن ئىكەن چىن سۆيسە دەيمەن.
شۈكۈر قىلىپ ياندا بارىغا،
سادىق بولۇپ گۈلدەك يارىغا.
ئېسىپ قويماي ھىجران دارىغا.
سۆيگەن ئىكەن چىن سۆيسە دەيمەن.
ئەستە ساقلاپ بەرگەن ۋەدىنى،
كۈتۈپ خۇشال گۈزەل ئەتىنى.
بۇ ھاياتنىڭ سۈرۈپ پەيزىنى،
سۆيگەن ئىكەن چىن سۆيسە دەيمەن.
تەھرىرى:مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
207 قېتىم كۆرۈلدى | mamatjan520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-27 17:52:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|