دۇنيانى ئويغاتتىڭ ئۆلۈمۈڭ بىلەن ئۈچ يېشىڭدا

دۇنيانى ئويغاتتىڭ ئۆلۈمۈڭ بىلەن ئۈچ يېشىڭدا

 

تۇغۇلدۇڭ نا تىنچ بولغان ماكاندا ،

 ئەركىليەلـمىدىڭ ئاتاـئاناڭ قوينىدا .

كۈلۈپ باقمىدى سەبىي يۈزۈڭگە دۇنيا ،

 دۇنيانى تىترەتتىڭ ئۆلۈمۈڭ بىلەن ئۈچ يېشىڭدا .

 

ئوينار ئەنە سەن كەبى سەبىيلەر ،

كۈلەر ئەنە سەن كەبى ئوماقلار .

 ئوينالـمىدىڭ كۈلەلـمىدىڭ ئۇلار كەبى ،

دۇنيانى ئويغاتتىڭ ئۆلۈمۈڭ بىلەن ئۈچ يېشىڭدا .

 

 ئاغرىندىڭمۇ ئەي ناتىۋان دۇنيادىن ،

 يىغلىدىڭمۇ كىتەر ئالدىدا ئالەمدىن .

قوشۇلدۇڭمۇ تەقدىرداش دوسلىرىڭ بىلەن ،

 دۇنيانى چۈچۈتتۈڭ ئۆلۈمۈڭ بىلەن ئۈچ يېشىڭدا .

 

 كۆز يېشىڭ دېڭىز كەبى ئاققانمىدى ،

 نەپرىتىڭ دولقۇن كەبى تاشقانمىدى .

 تۇتمىسۇن بىزلەرنى كۆز يېشىڭنىڭ قارغىشى ،

 دۇنيانى قورقۇتتۇڭ ئۆلۈمۈڭ بىلەن ئۈچ يېشىڭدا .

 

 كەچۈرگىن بىز ئەيىبكار ئالدىڭدا ،

كەچۈرگىن دۇنيا رەھىمسىز قەلبىڭدە .

كەچۈرگىن كىشىلەر سەۋەبكار ئۆلۈمىڭگە .

 دۇنيانى خىجىل قىلدىڭ ئۆلۈمىڭ بىلەن ئۈچ يېشىڭدا .

 

 ئا.ناتىۋان





131 قېتىم كۆرۈلدى مەرھابا ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-6 4:22:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ