قۇلۇپلاندى غەزەپتە ئۈمۈد ،
مەندىن سۆيگۈ كۈتمە بۇ دەمدە .
ئىنتىلگەندە يۈرەكنى نەمدەپ،
نەچچە يىللار قىلدىڭ قەلەندەر .
يۈز تاپقاندا ئەللەيلەپ كىلىپ ،
يۆگەك بىلەن بەزلىمە مىنى .
شۇرا ئۆزۈڭ ئىمزىگە ئېلىپ ،
ساختا كۆزدە قەسلىمە مىنى .
ئالداشلاردىن يۈرۈگۈم قاتتى ،
پاچاقلايمەن ئەمدى كېشەننى .
ۋاقىت كەتتى، ئۆمۈرۈم كەتتى،
دەۋەرمىگىن قويە ئىشەننى !!
ئالاي مەنمۇ ئەركەكتەك قەدەم،
ئۇششاق سۆزدىن يىمەي زەررە غەم.
مىنمۇ ئەر دەپ باققان ئەر دادام،
ياشاي ئەردەك ئەر بۇلۇپ بەردەم.
ئەر سۈرىدە يەڭنى چىڭ تۈرەي،
ۋولقانغىمۇ مەردانە كىرەي .
ۋارىسلىرىم بولسۇن سۆيۈنسۇن،
ئەل سۆيگۈدەك ئەركەك بوپ ئۆلەي .
ئەمىن 2015/03/04
212 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-30 16:09:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-7-31 11:43:07 | erpan |
yahxe yezelep tu jumu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|