كېتىپ كەلمىدىڭ
جۈرئەتجان نىزام(سەۋىر)
سەن يىراق قەلبىمدىن كۆيىقاب كەبى،
دىلىمنى ئاغرىتقان باغرىتاش ئىنسان.
ئەزەلدىن كۆيمىگەن بىراۋغا ئۇنچە،
تاشلاپ سەن كەتكىنىڭ بولدىغۇ يامان.
سەۋىرنى ئۆزۈمگە قىلىپ قىبلەتاش،
ئۆتتى قانچە تومۇز قانچە قەھرىتان.
كەلدى باھار سەن يېنىمغا كەلمىدىڭ،
كەتتى ياشلىق كەتتى پەسلى نەۋقىران.
ۋاقىت ئاخىر ئېيتىپ بەردى جاۋابنى،
ۋەدىلەر ساختىكەن سۆزلىرىڭ يالغان.
قىلدىڭ سەن دىلىمنى ساقايماس يارا،
مۇھەببەت گۈلۈمنى قىلدىڭغۇ خازان.
سۆيگنىڭ كېتىدۇ سېنى ئۇنتىدۇ،
ئاشىقنىڭ ئازابقا قالغىنى قالغان.
ئەي بولدى ۋاز كېچەي ئۈمىدنى ئۈزەي،
مەن كۆرگەن كۈنلەرنى كۆرىسەن ھامان.
2015.8.24 Sewir
195 قېتىم كۆرۈلدى | 1366914514 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-24 5:41:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|