ئېسىمدىن چىقماس قىلغان خىيانىتىڭ ،
سەن تەرەپلىك يېيلىپ كەتكەن ئامانىتىم .
كۈلگۈم كېلەر ماڭا ئېيتقان يالغانلىرىڭ ،
كەچۈرۋېتەي ھەممىنى چۈنكى مەن ئەركەك .
ھەر سەھەر يورۇق تاڭلار ئاتقىنىدا ،
قەرزلەرگە گەدەنگىچە پاتقىنىمدا .
تۇرمۇش غېمى تاغ بولۇپ باسقىنىدا ،
دەس تۇرۇپ كېتەي چۈنكى مەن ئەركەك .
كۆيگىنىمدە سۆيگۈ ئوتىدا ،
ئاشىق تەرپىدىن ھىجرانغا تاشلانغىنىمدا .
خىياللار بېشىمنى چىرمىغىنىدا ،
ئويغۇنۇپ كېتەي چۈنكى مەن ئەركەك .
خىزمەتنى دائىم ئالدىراش دىمەي ،
يولنى يىراق ۋە يېقىن ئۆلچىمەي .
ئاتا-ئانامنى بىر بېرىپ يوقلاپ كېلەي ،
نىجاتكارىمغۇ ئۇلار چۈنكى مەن ئەركەك .
ئون ئىككى مۇقامنى توۋلاپ جاراڭلىق ئېيتاي ،
غۇلاچ تاشلاپ سامانى جەسۇر ئويناي .
خەلققە دەرمان بولۇپ ئوتىدا قايناي ،
ئەۋلاتلارغا يول باشلاي چۈنكى مەن ئەركەك .
ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ،
ھەق -ناھەق پاسىلىنى ئېنىق ئايرىيمەن .
شانلىق ئىزلارنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزىمەن ،
بۇرۇچۇمنى ئادا قىلاي چۈنكى مەن ئەركەك .
46 قېتىم كۆرۈلدى |
دىلـمۇرات ئەخمەت |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2017-5-26 0:08:31 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ