ئانا
ئەكبەر ئەركىن
ئانا قەلبىمدە ئۆچمەس بىر گۈلخان،
گەر ئانا بولمىسا پەرزەنىت ناتىۋان.
گەر قۇرغان ئىمارەتلەر بولسمۇ ھەيۋەت،
شۇ ئانا تىلكىسىز بولىدۇ پايخان.
ئانا ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى بىلسەم،
يىغلىسام يىغلايدۇ ،كۈلدۇ كۈلسەم.
كۆڭلى يېرىم بولمامدۇ شۇ جاپاكەشنىڭ،
خەق ئالدىدا سارغىيىپ تاشلىنىپ يۈرسەم.
پەرۋىشىكار ئۇ ئۆستۇرگەن بارچە ئىنساننى،
مىراس قىلار پەرزەنىتكە ئىېتقاد ئىماننى.
شۇنچە مىھنەتسىز پەرىشتە سۈپەت ،
ئانامدۇر سەن،كۆرسەتتىڭ بارچا جاھاننى.
ھەر بىر يىل يۈزىڭگە سالساگەر ئىزنا،
خۇش بولدۇڭ چوڭ بولدى بالام دەپ يانا.
بىر ئۆمۈر تەرتۆكۈپ ئۆستۈرگەن بالاڭ،
سەن ئۆچۆن ھىچ ئىش قىپ بېرەلمەس ئاڭا.
تامچە سۈتۈڭ ئەزىزدۇر ،باھاسىز گۆھەر ،
پارچە گۆشنى چوڭ قىلدىك يوق ھېچبىر ھۈنەر،
ئانام تەختىم ھەم ۋە بەختىم بۇ ھەقىقەت،
شۇڭا مەدىيە ناخشامدا ئانام سۆزلىنەر.
بارىلىق جاپاكەش ئانلار نىڭ ھوزۇرىغا بېغىشلىدىم
176 قېتىم كۆرۈلدى | ئەكبەر ئەركىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-15 1:21:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|