سېغىنىش

سېغىنىش

 

« مەھبۇب »

 

 خاتىرەڭ قېتىنى ۋاراقلىسام مەن ،

 تۇرىدۇ قاغجىراپ نازۇك گۈل بەرگى .

نە زامان ۋەسلىڭدىن قىلغىلى جۇدا ،

ۋاپاسىز ، رەھىمسىز پەلەكنىڭ چەرخى .

 

 ئىككىمىز ئايرىلغان مۇدھىش كېچىگە ،

 نام بەردىم مەن ئاڭا قاتىل كېچە دەپ .

ئۆلتۈردى ئۇ كېچە قەلبىمىزدىكى ،

 ئارزۇنى پارچىلاپ ،مۇھەببەتنى يەپ .

 

 كۆزلىرىڭ ياش پېتى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ،

 ئېيتقانتىڭ ( جانانىم ) ئۈمۈدىڭنى ئۈز .

 ھاياتتا ئۇچراتما مەندەك بىرسىنى ،

 كۈلۈپلا ياشىغىن ياش تۆكمىسۇن كۆز .

 

بوشقىنە تىرەيتتى جۈپ بارماقلىرىڭ ،

چېچىمنى سىلىغان شۇ گۈزەل چاغدا .

 سۆيگەنتىڭ لېۋىمگە ئۇيىلىپ تۇرۇپ ،

 شورىسى بۇزۇلغان جىمجىت بىر باغدا .

 

 مۇمكىنمۇ ئاشىقىم باشقىنى سۆيۈش ،

 سەن ئۈزگەن غۇنچىنى ياتلارغا بېرىش .

مۇھەببەت بېغىنى قىلـمامدۇ ۋەيران ،

 مەشۇقى ئاشىقتىن كېچىپ يۈز ئۆرۈش .

 

 ئارىدىن شۇنچە يىل ئۆتتىغۇ مانا ،

 ئىشقىڭدىن يۈرىكىمگە ياسىدىم قورغان .

 كىرىشكە پېتىنىپ باقتى بەزىلەر ،

 مۇمكىنمۇ ئىچىدە باتۇر سەن تۇرساڭ .

 

 2015 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى ...





202 قېتىم كۆرۈلدى mehbub ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-1 22:55:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-2 17:38:05 ئىزچى
ياخشى، ھېسىيات چىن ئىپادىلەنگەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ