يۈەكتىكى نىدا
ئېھتىيار يارمۇھەممەد
يۈرىكىم يىغلايدۇ تاپالماي سېنى ،
مىڭلىغان چىرايلار ئىچىدىن نىگار .
ياش تۆكۈپ قارايدۇ قول تۇتقانلارغا،
سېغىنىش ئەتمەكتە كۆز ياشنى ئىزھار .
سۈرىتىڭ ھەمراھتۇر خىياللىرىمغا ،
سەن كۈلۈپ چىققاندەك تۇيۇلۇپ گويا .
قۇندۇزدەك چاچلىرىڭ،بۇلاقتەك كۆزۈڭ ،
ئاھ مىنى قىلدىغۇ تۈنلەردە شەيدا .
ئەكىلىپ بىرىدۇ تىۋىشلىرىڭنى،
قۇلاققا پىچىرلاپ مەيىن شاماللار .
ھەجەپمۇ سېغىندىم نىگارىم سېنى ،
مۇڭلىنىپ قالدىمۇ بىز ماڭغان يوللار.
يۈرەككە ئوق ئاتتى تەقدىر چاقچىقى ،
كۆڭۈللەر پالاندى يىراق شەھەرگە .
كۈت مىنى دىلبىرىم ،بولساقلا ئامان ،
چىن ۋىسال كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ بىزگە .
178 قېتىم كۆرۈلدى | tarki | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-15 19:41:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|