قاخشاتما
سەت تولغۇشۇپ ئويناپ كەتتىڭ دىبادا،
يۈز كىرەكتى جان ئاناڭنى قاخشاتما.
كىچىلىرى كەلمەي ياتتىڭ ۋاڭبادا،
يىغلاتمىغىن قەدىرداننى قاخشاتما.
باللىرىم دەپ دۇئا قىلدى كۆپ قىتىم،
پەرزەنت ئۈچۈن مۈكچەيدى بەل قاخشاتما.
بولماي دىسەڭ قىيامەتتە مەن يىتىم،
پاسىبانىڭ مىھرىباننى قاخشاتما.
جان بالام دەپ باشلىرىداكۆتۈرگەن،
دادا بولغان تۈرۈكۈڭنى قاخشاتما.
ئىنساپ تىلەپ ئاللاھىمغا يۈكۈنگەن،
باغرى كاۋاپ دىلكەشلەرنى قاخشاتما.
خوتۇن ئالساڭ ئاناڭ غىرىپ قالمىسۇن،
ھەمرا بولۇپ غەمگۇزاربول قاخشاتما.
ساڭا قاراپ كۆزلىرى تۆت بولمىسۇن،
دائىم كىلىپ يوقلاپ تۇرغىن قاخشاتما.
ھايات بولساڭ سەنمۇ تۇرمۇش قۇرىسەن،
يىتىم قىلىپ سەبىلەرنى قاخشاتما.
مىھىر بەرسەڭ ھەمرايىڭمۇ كۆپ خۇرسەن،
ئاشنا تۇتۇپ ئايالىڭنى قاخشاتما.
بولدى ئەمدى خاتا يولغا ماڭمىغىن،
ۋىژدان غورۇرئەخلاقىڭدىن تانمىغىن.
ئەمدى قايتا ئىمانىڭدىن يانمىغىن،
رازى قىلغىن ئاتا-ئاناڭنى قاخشاتما.
غەرىف يۈرەك«ئابدۇسالام»
2015~7~29 چۈشتىن كىيىن5:35
155 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇسالام.ئابدۇرىشىت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-1 20:40:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-2 9:41:44 | مۇكەررەم |
ياخشى يېزلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|