پۇلدۇرسەن
رامىلە ئەركىن ئىزدەن
زوراۋاننى ھۆركىرتىپ خان قىلغانمۇ پۇل،
ياۋاشلارنى قاقشىتىپ خارقىلغانمۇ پۇل .
ئىنسان ئەقلىنى ئازدۇرۇپ مەس قىلغانمۇ پۇل ،
تۈز يوللاردا يىقىتىپ چاڭ قىلغانمۇ پۇل .
پۇلى بارنىڭ گېپىنى ئوڭ قىلغانمۇ پۇل ،
پۇلى يوقنىڭ گېپىنى توڭ قىلغانمۇ پۇل .
پۇلى كۆپنىڭ يۈزىنى نۇر قىلغانمۇ پۇل ،
پۇلى يوقنىڭ يۈزىنى خۇن قىلغانمۇ پۇل .
پۇلى بارنىڭ ئۆيلىرى بەھەيۋەت ئوردا ،
پۇلى بارنىڭ دوستلىرى رەڭگارەڭ مودا .
پۇلى بارنىڭ كونا كىپىشى بازاردا سودا ،
پۇلى بارنىڭ نىيىتى پۇلنىڭ كويىدا .
پۇلى بارغا ئاقار بايلىق ئاقماس مۇھەببەت ،
چۈنكى پۇلغا كىلەر بايلىق كەلمەس مۇھەببەت .
پۇلغا كىلەر نانكور ھەم تۇزكور پەسكەچلەر ،
ئەمما كەلمەس دىيانەتلىك ياخشى كىشىلەر .
پۇلنى تېپىڭ يولىدا ھالالدىن بولسۇن ،
گېلىڭىزدىن ئۆتكىنى سىڭىشلىك بولسۇن .
پۇلنى تېپىڭ ئەقىل ،تەردە مېھىرلىك بولسۇن .
ئەللەر ئارا يۈزىڭىزيورۇپ نۇرلانسۇن .
2015-يىل 8-ئاي
ئۈندىدار manhayat1
125 قېتىم كۆرۈلدى | ramilaarkin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-27 22:35:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|