بىر كۇنى
ئەكبەرجان ئىدرىس ئەرچىن
كۆزگە ئىلماي ياراتماي يۈرگەن ئاجىز بىراۋلار ،
شان-شەرەپ ھەم ئىناۋەت تىپىپ كىتەر بىركۈنى .
بۇرۇن ئىشەك مىنەلمەي يۈرگەن ئاشۇ بىچارە ،
كۆز ئالدىڭدا ئات مىنىپ چىپىپ كىتەر بىركۈنى.
تۆت بەش تەڭگە پۇلۇڭدىن كۆرەڭلىمە ئۇنچىلىك ،
شۇ پۇلۇڭمۇ توزغاقتەك توزۇپ كىتەر بىركۈنى .
بۇرۇن بوزەك بولغانلار ئەمدىلىكتە باي بولۇپ ،
قۇلىقىڭنى چۆپ كەبى سوزۇپ كىتەر بىركۈنى .
گەر ئاداۋەت قالدۇرغان بولسا بىراۋ دىلىڭدا ،
ساقلىمىغىن پاكپاكىز يۇيىۋەتكىن بىركۈنى .
ئەگەر قەلىب بىغىڭغا ئۈنسە بىركۈن شۇمبۇيا،
ئىككىلەنمەي كۈچەپلا يۇلىۋەتكىن بىر كۈنى .
ئۈچ كۈنلۈكلا ئالەم بۇ ياشا دوستۇم قەدىرلەپ ،
ئەجەل ئوقى ئالدىدا جان ئۈزىسەن بىركۈنى .
قايغۇ ئەلەم ئىلكىدە ياشاپ يۈرگەن بولساڭمۇ،
بەخىت قۇشى قونغاندا شاد كۈلىسەن بىركۈنى .
ھەسەت قىلىپ بىراۋغا توزاق قۇرما يولىغا ،
بەلكىم ئاشۇ توزاققا سەن چۈشەرسەن بىركۈنى .
ئۆزگىلەرنىڭ ئەجرىگە قىلما زىنھار خىيانەت ،
قېلمىشىڭغا ئاھ ئۇرۇپ توۋا دەيسەن بىركۈنى .
سىيلىساڭ گەر بىشىنى يىتىم ئاجىز يوقسۇلنىڭ ،
مىھنىتىڭنى ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ بىركۈنى .
دۇچار بولۇپ خەتەرگە كەلگەندە جان ھەلقۇمغا ،
سىنى گۆرنىڭ ئاغزىدىن قايتۇرىدۇ بىركۈنى .
368 قېتىم كۆرۈلدى | ARQEN | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-22 1:11:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-27 11:00:57 | Elmenur |
Aseregez bakk. Yahxe qekeptuu. Mazmune xundah cahlam xundahh. Ecell bunegden ken terxegg. Cezneg kalguceda daglehh. Yazhuqe yake xaer bulexegezha telakdaxmann |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|