ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى
ئابدىرىھىم ئابدۇللا
ھەممە شائىر ئاناملا دېدى،
ئاتىلىرى يوقمىكەن ئەستە.
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،
يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە.
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى
نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا.
خەنجەر بۇلۇپ قادىلار ئىدى،
بولسا مەلئۇن ھەر جايدا پەيدا.
نەيزىسىنىڭ ئۇچچىدا چۆلپان،
قېلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى.
ۋەتەن ئىشقى ئوقلارغا قالقان،
ئايىقىدا قاننىڭ دولقۇنى.
يىڭنىلەرگە رەھمەت ئوقۇلدى،
جەڭگاھ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا،
كۈسەيلەرگە داستان پۇتۇلدى،
قېلىچ بىلەن يارالدى دۇنيا.
بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ،
جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت .
توقاچ بەرسە ئانام تۇنۇردىن،
ئەرك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە،
كۆينەك بەرسە ئانام ماتىدىن،
بايراق بەرگەن ئاتام زەپەردە.
مەن يېقىلسام ئانام يىغلىدى،
ئاتاپ سىلكىپ مېندۈردى ئاتقا.
جاپالاردا راسا تاۋلىدى،
خار قىلماي دەپ ياۋلارغا ياتقا.
مىڭ يىگىتنىڭ مىھنەت لەرزى بار،
قۇلىدىكى ھەر بىر قاداقتا،
ھەر كۈلكەمنىڭ پۇتمەس قەرزى بار،
ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر ساداقتا.
بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت،
جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت.
359 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-29 12:46:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-1 1:44:28 | ئارزىگۈل |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ، |
2015-7-30 11:54:13 | مەمەتجان |
ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|