باغرىتاش بىۋاپا يارىم
ناخشا تېكىسى
سۆيۈپسەن باشقا بىرىنى،
ئۇنتالمىدىم مەن سىنى .
ماڭا بەرگەن ۋەدەڭ قېنى،
باغرىتاش بىۋاپا يارىم .
ئۇنۇتتۇڭمۇ خۇشال كۈننى،
يۇلتۇز سانغان ئاشۇ تۈننى.
بەختىمغۇ سەن دىگەنىڭنى ،
باغرىتاش بىۋاپا يارىم.
راس سۆيدۈڭمۇ سەن ئۇنى،
مۇھاببەت دەپسەن بۇنى.
ئۇنۇتمىغىن تاشلىما شۇنى،
باغرىتاش بىۋاپا يارىم.
كىتەيمەن كۆزۈڭدىن يىراق ،
قىينىسىمۇن ھەسرەت پىراق.
كۆزلۈرۈم بولسىمۇ بۇلاق،
باغرىتاش بىۋاپا يارىم.
سۆي چىن يۈرەكتىن سۆي ،
بارلىقىڭ بىلەن ھەم كۆي.
قۇرغىن بىر بەخىتلىك ئۆي،
بەختلىك بول بىۋاپا يارىم.
ـ ھايات♡يولۇم 2015.7.7
235 قېتىم كۆرۈلدى | hayatyolum | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-3 2:06:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|