دادام
شئېر
ھۆرمىتىم باش تۆرىدە يىگانە دادام،
شۆھرىتىم قەسىرنىڭ سۇلتانى دادام.
يولۇمدا يولدۇشۇم ھەمراھىم دادام،
قاراڭغۇ كۈن زۇلمەتتە قۇياشىم دادام.
ئۆيىمىز كەڭ ئايۋاننىڭ تۈۋرۈكى دادام،
بىزدەك پەرزەنت بەختىنىڭ تاجىدۇر دادام.
توزاق قۇرسا نامەردلەر ئوت قالقان دادام،
زىمىن قانار مېھرىدىن شاھىنشاھ دادام.
كىم دەيدۇ دادامنى قېرىپ قالدى دەپ،
ئاق كىردى چېچىغا ،كارغا كەلمەس دەپ،
ئوغرى يىل كىملەرنى ئايىغان ياش دەپ،
جان دادام ئېيتاركى ،ئەمدى تۇغۇلدۇم،
يۈرەك ياش مىڭ قۇياش تەپتى ياناردەپ.
دادام ۋە بارلىق دادىلارنىڭ ئۆمۈرى ئۇزۇن ،تىنى سالامەت بولغاي
ئاپتورى:خ .چەشمە 2015-يىل 6-ئاي
345 قېتىم كۆرۈلدى | qaxma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-3 3:22:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-4 15:32:36 | qaxma |
رەھمەت سزگە قېرىندىشىم،،، |
2015-8-4 13:52:39 | سۈبھى |
ئاداش بەك ياخشى يېزىپسەن تېخىمۇ تىرىش |
2015-8-4 13:16:37 | 米克热yi |
很好 |
2015-8-4 13:10:58 | ئەزىز ئىسمىم |
شۇنداق ياخشى يېزىپتۇ قۇلغا دەت بەرمىسۇن يازغۇچىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلېرغا ئۇتۇق تىلەيمەن بارلىق دادىلا سالامەت ئۆمرى ئۇزۇن بۇلسۇن |
2015-8-3 10:01:35 | سابا |
ئاپتۇر ئۆز دادسىغا بولغان پەخىرلىنىش مېننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئوچۇق سۆز ئىبارىلەر ئارقىلىق جانلىق ئىپادىلەپتۇ…بۇ شىئېرنى ئوقۇپ دادامغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى…ئاپتۇرنىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن |
2015-8-3 10:01:27 | سابا |
ئاپتۇر ئۆز دادسىغا بولغان پەخىرلىنىش مېننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئوچۇق سۆز ئىبارىلەر ئارقىلىق جانلىق ئىپادىلەپتۇ…بۇ شىئېرنى ئوقۇپ دادامغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى…ئاپتۇرنىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|