رۇبائيلار
ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)
(1)
شۈبھسز ھالال دىمە،ئۆستەڭدە سۇ ئاقسا سۈزۈك،
قەدىرىڭنى خار ئەيلمە،ئويۇنچى يارسالسا ئۈزۈك.
سپى ئۆزدىن ئالدامچدۇر،ئالدىڭدا تۇرسا كۈلۈپ،
ئۇنداسەن تاج كيگچە،جەندە كۇلاكيگەن تۈزۈك.
(2)
بۇرادەر،بىراۋنى ئالدىما،ئالدانما،يالغانغا كۆنمە،
ھەق سۆزلە،ئادىل بول،نامەرتنڭ ئوتېن پۈۋلمە.
ئۆز ئەجىر،تەرىڭدە،ھالالدىن رىزىق تىپپ يەپ،
يامانغا يان بىسىپ،ناداندىن مەنسەپ كۆزلىمە.
(3)
كۆزلەر كۆزگە تىكىلەر،نەيرەڭ ئارلاش كۈلكىلەر،
ئەتىراپىڭدا پەرۋانە، شىرىن سۆزلۈك تۈلكىلەر.
ئاگاھ بولىغىن بىر كۈنى،ھىساۋى بار ئالەم بۇ،
قلغان بارچە ئشڭدىن،ھىساپ بىرەر كۈن كىلەر.
(4)
ئەلمساقتىن ئاي-قوياش،چىققان جايدا پاتامدۇ؟
ساختا كۆيۆپ يانغاننىڭ،ئوتېن شەيتان ياقامدۇ؟
ھەقىقەتمۇ ئىگىلپ،تۇرغان بىلەن سۇنماسىكەن،
شۇ سەۋەپىتىن،ئشەنگەن تاغدا كيىك ياتامدۇ؟
(5)
يىمە نامەرىت ئېشىنى،قىلتىغى كۆپ مىڭ تالاي،
كۈلېبەڭ زنىداندىدۇر، ھارامدىن سالساڭ ساراي.
تۇتىرۇقسز ئادەملىدۇر،كۆپ قەسەم قلغان كشى،
ئاگاھ بول،ئەسلائشەنمە،دىسەگەر يارىڭ بولاي.
2017-يىلى15-مارىت گۇما (قارىتاغىز)
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
94 قېتىم كۆرۈلدى | bodak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-15 18:48:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|