ئەمدى
شادىيە مۇھەممەت
غەزەل
يالۋۇرمايمەن ئەمدى كەتسەڭ كېتىۋە،
سېغىنمايمەن ئەمدى كەتسەڭ كېتىۋە.
ئېچىپ،چېكىپ راسا، نەلەردە قونساڭ،
تۇسىمايمەن ئەمدى يۈرسەڭ يۈرىۋە.
نەدە سەن،قېنى پۇل،خەجلىدىڭ نەگە،
سورىمايمەن ئەمدى خەجلىسەڭ خەجلە.
قېنى موتۇر،بەردىڭ قاچان كىملەرگە،
مېنىڭ ئەمەس ئەمدى بەرسەڭ بېرىۋە.
ياخشى قىزنى ئۇچراتساڭ،سۇن قولۇڭنى،
كۈنلىمەيمەن ئەمدى سۇنساڭ سۇنىۋە.
ئۇتۇپ قالساڭ كۈڭلىنى،سۆي يۈرەكتىن،
كۈنلىمەيمەن ئەمدى سۆيسەڭ سۆيىۋە.
سېنى ئىزدىمەيدۇ كۆزلۈرۈم زىنھار،
بۇ كۆزلەردىن ئەمدى يۈتسەڭ يۈتىۋە.
سۇۋىدى يۈرەك ھەم تۇڭلىدى مۇزدەك،
يۈرەكتىن ئەمدى ئۆچسەڭ ئۆچىۋە .
2015-7-31
تۇرپان ئۈندىدار:2858034875
248 قېتىم كۆرۈلدى | شادىيە مۇھەممەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-31 15:56:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-6 10:13:46 | ۋارىسجان |
ئاچا ياخشى يېزىپسىز داۋاملىق تىرىشىڭ مەن مەڭگۈ سىزنى قوللايمەن. |
2015-8-1 12:21:50 | mihrayy |
bak yahxi yezliptu jumu yaraysan |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|