كارى يوق
مۇھەممەتجان راشىدىن
ئالدىراپ دەردىڭنى ئېيىتما، كۆڭلى خۇشنىڭ كارى يوق،
ئەلمىساقتىن ھەق بىلەن ۋىجدانى سۇسنىڭ كارى يوق.
ياتقا ياتلار يىغلىغايمۇ ئۆز قاياشى بولمىسا،
يەردە مىڭ گۈل سۇلسىمۇ، ئاسماندا قۇشنىڭ كارى يوق.
ئۆلدى كىم مۇشىتلاشتى كىم؟ ئەسلا ئىشىك ياپماس قاۋاق،
پۇلغا ساتسا بولدى مەينى، مەيپۇرۇشنىڭ كارى يوق.
كەلسىمۇ لەمشىپ قىيان يۇرتنى قىيامەت قىلغىلى،
كۈنبويى پاتقاق يىگەچ ئۆدەك گومۇشنىڭ كارى يوق.
يول تاپالماي قانچە توشقان ئۆلدى ھەسرەت ئىلكىدە،
قوينىدا يىغلايدۇ كىم؟ پۈتكۈل قومۇشنىڭ كارى يوق.
نىمە كۈندە قالدى بۇغداي پىشقىچە بىنەمدىكى،
ۋارقىرار «سۇ» دەپ يەنە، ئەمما گۈرۈچنىڭ كارى يوق.
ئۆتتىغۇ شۇنداق زامانلار ھەر كىشى ئۆز غېمىدە،
يا قېرىنداش، يا تۇغقان، يا تونۇشنىڭ كارى يوق.
نە خىيانەت، نە ھارام ئەھلى ئەمەلدارلار ئارا،
تاڭلا مەھشەرگە تامام ئىخلاسى بوشنىڭ كارى يوق.
230 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-29 12:44:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-7-29 17:58:29 | |
بەكلا ياخشى يېزىلغان شېئىر |
2015-7-29 14:00:42 | |
ياخشى يېزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|