نېمە يەتسۇن ئانام ئەتكەن پولوغا
يۈسۈپ ئەخمەت
سەپەر قىلىپ ئايرىلدىم، ئانام ئەتكەن غىزادىن،
تېتىمايدۇ تىلىمغا يېدىم ھەر خىل ھەر يەردىن.
مەيلى كەلسۇن ئالدىمغا كاۋاپ ياكى گۆشلەردىن،
نىمە يەتسۇن چۈشەنگەندە ئانام ئەتكەن پولوغا.
بىر لېگەننى يەۋەتكىنىم ئېنىق ئېسىمدە،
يىدىم ئەمدى بىر تەقسىنى زورلاپ بېسىمدە.
مېھىر بارتى ھەتتا، قازاندىكى قارا قىسىمدە،
نېمە يەتسۇن چۈشەنگەندە ئانام ئەتكەن پولوغا.
مېھرىڭ سىڭگەن ھەر بىر ئەتكەن تائاملىرىڭغا،
دەرت بەرمىسۇن ھەق ئىگەم، مېھىرلىك قوللىرىڭغا.
ھاسا بولاي جان ئانا! ماڭغان يوللىرىڭغا،
نېمە يەتسۇن چۈشەنگەندە ئانام ئەتكەن پولوغا.
سېغىنىمەن ھېيىتتا ھەر بىر كۈلكەمدە،
تېتالمىدىم ئۇتەمنى، بازاردا يىگەندە.
كىملەر ئەتسۇن قانچىلىك مېھرى بىلەن،
نېمە يەتسۇن چۈشەنگەندە ئانام ئەتكەن پولوغا.
2067186198 ئۈندىدار
223 قېتىم كۆرۈلدى | baxlamqi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-26 14:51:39 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|