داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ
ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى
مەرھۇم دادام تۇرسۇنمۇھەممەتنى ئەسلەيمەن!
تۇغقان كىمنى تۇغقان ئىتىدۇ؟
ئاناڭ ئاشنى كىمگە ئىتىدۇ؟
قەدرىڭگە ئېيىت كىملەر يىتىدۇ؟
داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.
داداڭ يوقكى كاتاڭ يوللىرىڭ.
داداڭ يوقكى پاساڭ پۇللىرىڭ.
داداڭ يوقكى قاشاڭ قوللىرىڭ.
داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.
ئاڭلىمايدۇ ھىچكىم ئاھىڭنى.
ئېپ قويمايدۇ ھىچكىم رايىڭنى.
تاپالمايسەن ئورنۇڭ–جايىڭنى.
داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.
«جان» نى قۇشۇپ چاقىرماس ئېتىڭ.
ئىتىبارسىز ئىلتىماس خېتىڭ.
قېپ قالىسەن شۇ يىتىم پېتىڭ.
داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.
سەن قايغۇرساڭ بېشىڭ سىلار يوق.
ئۇدۇل تىگەر رەقىپ ئاتقان ئوق.
چۈنكى داداڭ–ساڭا قالقان يوق.
داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ.
دادىسى بار،ئاڭلا نەسھىتىم .
ئۈتۈپ كەتمە ئويناپ بۇ پېتىم.
يوقلا ئايدا بولسا مىڭ قېتىم.
داداڭ كەتسە ھەممە كىتىدۇ....
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى. ئاقسۇ
319 قېتىم كۆرۈلدى | ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-7 23:55:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-21 0:46:09 | چىچەك |
چىچەك بۇتېمىلار تولىمۇ تەسىرلىك بوپتۇ مەن بەك ياقتۇرىدۇم |
2015-9-9 23:10:45 | قۇربانجان ئىمىن يالقۇنى |
داداڭ كەتسىە ھەممە كىتىدۇ دىگەن شىئىر ياخشى يېزىلپتۇ.ئاپتۇرىنڭ ئشلىرى ئۇڭۇشلۇق كۈنلرى خاترجەم ئۆتكەي. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|