سىڭلىمغا نەسىھەت
سىڭلىم سىزگە قىلاي نەسىھەت ،
ھەمراھ بولسۇن ئەخلاق ـ دىيانەت .
بىلىم ئېلىڭ تىرىشىپ ئوقۇڭ ،
قۇچاق ئاچار بەخىت ۋە ئامەت .
سىز كەلگۈسى مىللەت ئانىسى ،
پەقەت ئەمەس ئاددىغىىنە قىز .
بولۇپ ھەمىشە چاقنىغان يۇلتۇز ،
قالدۇرۇڭ ئەۋلاتقا مەڭگۈ ئۆچمەس ئىز .
سىڭلىم سىزگە قىلاي نەسىھەت ،
گۈزەللىكىڭز بولسۇن دىيانەت .
دىيانەتتىن ئايرىلغان قىزنىڭ ،
گۈزەللىكى ساختا قىياپەت .
ھەۋەس قىلماڭ ساختا گۈزەلگە ،
ئۇ پەقەتلا ئۆتكۈنچە ھايات .
ئۇ گۈزەلدە بولمىسا ئەخلاق ،
جاھانغا يۈك كېرەكسىز ئەخلەت .
قوغلاشماڭ ئەي سىڭلىم ساختا گۈزەللىك ،
قارغۇدەك ئەگىشىپ زۇلمەت مودىغا.
بۇ مودا گوياكى تېگى يوق بىر ھاڭ ،
بەرىبىر سىز ئۇيغۇر ئۆزگەرمەس كىملىك .
بۇ شېئىرنى سىڭلىمغا ھەم شۇنداقلا بارىلىق ئۇيغۇر قىزلىرىغا بېغىشلايمەن...
2014 - 19 - دېكابىر ــــ ئېرشاد ئۆزلۈك
199 قېتىم كۆرۈلدى | ئۆزلۈك | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-13 1:20:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|