مۇئەللىمىم بار!
ئاپتورى:مۇقەددەس ئۆمەر
(سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچۇم پەرىدە خانىمغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن)
مەن بىلەن بىرلىكتە كۈلەلەيدىغان،
بىلىمىنى ئايىماي بىرەلەيدىغان.
ھالىمغا تەڭ يىتىپ ئۆتەلەيدىغان،
مېھرىبان ئانامدەك مۇئەللىمىم بار.
چېھرىدىن يىراقلاپ كەتمەيدۇ كۈلكە،
بوزەك قىپ قاقشىتىپ يۈرسەكمۇ كۈندە.
بىزنى دەپ بالدۇرراق ياتمايدۇ تۈندە،
مېھرىبان ئانامدەك مۇئەللىمىم بار.
بەرمىسە رۇخسەت قاقشاپ سالىمىز،
بەزىدە ھەتتا رەنجىپ قالىمىز.
تىللىساقمۇ يەنە چىدىماي يانىمىز،
مېھرىبان ئانامدەك مۇئەللىمىم بار.
ئاغرىساق بىر قەدەم كەتمەيدۇ نېرى،
ئاتەشكە ئوخشايدۇ بىز ئۈچۈن مېھرى،
ئايىماس بىز ئۈچۈن ھەتتا جېنىنى،
مېھرىبان ئانامدەك مۇئەللىمىم بار.
سوقۇشماي ئۆتىمىز بولۇپ ئىتتىپاق،
تىرىشىپ بىرلىكتە بولۇپ ھەم ئىناق.
بولسىمۇ يوللاردا قىيىن بىر توساق،
مېھرىبان ئانامدەك مۇئەللىمىم بار.
ۋارقىرىسا چەكچىيىپ ئەسكىكەن دىمەڭ،
باشقۇرار ئۇنچىلىك خاتا چۈشەنمەڭ.
ماختىدى يالغاندىن مۇقەددەس دىمەڭ،
مېھرىبان ئانامدەك مۇئەللىمىم بار.
ئۇستازدىن رەنجىشكە ھەققىمىز يوقتۇر،
قەدىرلەپ ئۆتەيلى، ئۇستاز ئۇلۇغدۇر.
ئۇستازدىن رەنجىگەن ئادەم ئەمەستۇر،
مېھرىبان ئانامدەك مۇئەللىمىم بار.
ئاپتور ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ.
تەھرىرلىگۈچى :مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
75 قېتىم كۆرۈلدى | مۇقەددەس ئۆمەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-27 7:53:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|