قەدرىڭ ئەجەپ ئۆتۈلدى ئانا
مەردان شاھ خۇشخۇي
ھېرىپ كەلسەم ئىشتىن چۈشكەندە،
نە ھالىمنى سورار كىشىم يوق.
غەمكىن بولسام كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ،
ئاڭلايدىغان تەسەللىرىم يوق.
جاپا تارتسام تۇرمۇش غېمىدە،
مەدەت بېرەر يان تاياقىم يوق.
دەردىم تۆكسەم بىشىمنى سىلاپ،
دەرمان بۇلار غەمگۇزارىم يوق.
خوشلۇقۇمغا ئۆزىنى ئۇنتۇپ،
جۆر بۇلارغا نە ھەمكارىم يوق.
بارلىقىمنى بىلىپ بارلىقى،
ئىلھام بېرەر مەدەتكارىم يوق.
بولدى ماڭا ئۆيىمىز مازار،
يىتىم مەن بىر ئانىجانىم يوق.
دەردىم ئېچىمگە ھېچ پاتمىدى،
ئەمما يەنە نە داۋايىم يوق.
قەدرىڭ ئەجەپ ئۆتۈلدى ئانا،
سەن يوق گويا ھېچ مادارىم يوق.
ھاياتىمنىڭ خوشلۇقى كەتتى،
بۇ دۇنياغا ئەمدى رايىم يوق.
ئانا،ئانا، دىسە ئۆزگىلەر،
ئانا دەرگە شۇ ئەزىزىم يوق.
بويۇن قىستىم ياتلار ئالدىدا.
ھە دەيدىغان كۆيۈمچانىم يوق.
143 قېتىم كۆرۈلدى | huxhuy | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-5 0:08:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|