ئانا سېنىڭ بايرىمىڭ بۇگۇن
مۇھەممەتنىياز(چارەك)
بىر قۇلۇڭدا تەۋرەتسەڭ پۇتكۇل دۇنيانى،
يەنە بىردە بۆشۇككە، ئەللەي مۇڭ قاتقان.
تۇغۇپ ئۆستۇردىڭ مەرىت ئۇغۇل قىزنى،
قەھرىڭدە كەلكۇندەك ياۋنى تۇختاتقان.
ئارزۇلىرى ئەل يۇرىتقا ئامانلىق ھەركۇن،
مۇبارەكلەي ئانا سېنىڭ،بايرىمىڭ بۇگۇن.
ئائىلەم دەپ بالام دەپ ھەركۇن جاپادا،
لەۋلەر چاڭقاق تاڭلىيىدا قۇرىمايدۇ تەر،
ئانا ئۇ كېچە كۇندۇز ئەمەس خاتىرجەم،
غەم ئىچىدە يىتەرمۇ دەپ بالامغا خەتەر.
ئارمانلىرى تىلەكلىرى ئامانلىق ھەركۇن،
مۇبارەكلەي ئانا سېنىڭ،بايرىمىڭ بۇگۇن.
نامىڭ ئۇلۇغ مېھرىڭدە باغرىڭدا قۇياش،
ساڭا تەۋە تەبرىكلەش ھەقىقى ماختاش.
كۆز يۇمالماس پاكلىقىڭغا كائىنات گۇۋا،
ئاقلىقىمۇ دىلىڭنىڭ سۈتۈڭڭە ئۇخشاش.
خىياللىرىڭ ئىستىكى ئامانلىق ھەركۇن،
مۇبارەكلەي ئانا سېنىڭ،بايرىمىڭ بۇگۇن.
ئانا بولغاچ تۇرمۇشمۇ،ئۆتەر رەڭدارلىق،
بىر باش پىياز تېلىغا تەملىك مەنا تاپىدۇ.
يازغۇچىلار كۇيلەپ يازسا ئۇلۇغلىقىڭنى،
ناخشىچىلار ئەۋجى بىلەن لىباس ياپىدۇ.
ئىخلاسلىقىڭ بالىلارغا ئامانلىق ھەرتۈن،
مۇبارەكلەي ئانا سېنىڭ،بايرىمىڭ بۇگۇن.
2017-يىلى5-ئاي 13-كۇنى
يەكەن
تەھرىر : ئابلىمىتجان ۋاھاپ
23 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتنىياز(چارەك) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-14 15:05:03 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|