كېتىپ قالىمەن
يۈسۈپ ئەخمەت
ئالدىڭدا ئېگىلدىم يەرگە يېقىلدىم،
سېنى دەپ بەزىدە مېخ قىپ قېقىلدىم.
كۆڭۈلمۇ رەنجىدى توشتى تاقىتىم،
بۇيەردە سېنىڭسىز ئەجەپ سىقىلدىم.
قەدرىمنى بىلگۈچە كېتەي يىراققا،
يېغلارسەن ۋە بەلكىم قېلىپ پىراققا.
ئەقلىڭنى تاپارسەن يارىم بىر كۈنى،
كۆرەرمەن ئۆمرۈمنى قويسا شۇۋاققا.
كۆرمىسەڭ كارىڭ يوق كۆرگەندە ھالىڭ،
مېنىڭدىن قېچىشقا چىقماي ئامالىڭ.
قەلبىمدىن يىراقلاپ كەتتىڭ نېمىشقا،
قېنىدۇر دوسلۇققا ئېيتقان شۇئارىڭ.
خەق بەرگەن سوۋغىنى بېرەلمىدىم راست،
خەقلەردەك كۆڭلۈڭنى ئۇتالمىدىم راست.
كىم لېكىن سىرىڭنى ساقلىدى مەندەك،
بىراۋدەك يالغاننى تۇقالمىدىم راست.
بىر كۈنى چۈشۈڭگە كىرىپ قالىمەن،
يېقىلساڭ قولتۇقلاپ يۆلەپ قالىمەن.
كۆزلىرىڭ نەم ھالدا ئويغانغىنىڭدا،
كەچۈرگىن دۇنيادىن كېتىپ قالىمەن.
2017- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنى (قىزىلبايراق بازىرى)
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
27 قېتىم كۆرۈلدى | TARHAN | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-19 0:36:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|