باغۋەنلەرگە مەدھىيە
(جاپاكەش ئايالىم ۋە بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارغا بېغىشلايمەن)
ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
مېھىرلىك بۇلاقسەن ئەي ئۇلۇغ ئۇستاز،
سەبىيلەر قەلبىگە سەل بۇلۇپ ئاققان.
نۇرانە ماياكسەن ھايات يولىدا،
قاراڭغۇ دىللارغا شام-چىراغ ياققان.
سەن بولغاچ يىتىشتى ئالىم-ئىنژىنىر،
كۆكلەردە پەر قاقتى سەيياھ ئۇچقۇچى.
سەن بەرگەن ئەجىردىن كۆكلىدى تالاي،
مۈشكۈلدىن تاغ يېرىپ يوللار ئاچقۇچى.
ئولۇغلۇق بابىدا يۈكسەك چوققىسەن،
چاچلىرىڭ ئاقاردى قىلمىدىڭ مىننەت.
پارلايدۇ چېھرىڭدىن ئالەمچە كۈلكە،
ياش قىران بوغۇنلار قۇچقاندا شۆھرەت.
2015-يىل 9-ئاي 10-كۈن (مارالبېشى)
167 قېتىم كۆرۈلدى | otkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-10 10:46:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|