ئىككى شېئېر
بەشىنچى ئاينىڭ تۆتىنچى كۈنى يەنى ياشلار بايرىمى كۈنىدىكى دوسىتلار چەمبىرىكى قىززىق نوقتا تېمىسى بولغان مۇنۇ ئىككى كۇبلىت شىئېرلارغا خاتىمە ،
( 1 )
گۇل ياشلىغىم كېتىمەن دەيدۇ
مەن ئېسىلدىم بىلەكلىرىگە ،بىز قېرىدۇق دىگەنلەرنىڭ سالغۇم كېلەر ئىڭەكلىرىگە!
ياشلىقىم ،
گۇل ياشلىقىم كېتىمەن دەيدۇ ،
مەن ئېسىلدىم بىلەكلىرىگە ،
بىز قېرىدۇق دىگۈچىلەرنىڭ ،
سالغۇم كېلەر ئىڭەكلىرىگە!
قېرىساڭمۇ نېمبوپتۇ پوقۋاش ،
قەلىپ گۈلۈڭ تۇرمامدۇ ياپياش ،
بۈبايرامدا كۈلگىن سەنمۇ ياش ،
ئەمەس ساڭا ھايات باغرىتاش ،
ئۈمۈد شامىڭ ئۆچمىسۇن مەڭگۈ ،
ھايات قوينى بەئەينى گۈلباغ ،
بۇلبۇل بولغىن قۇربىڭ يەتكىچە ،
گۈللەر ئۈچۈن سايرىغىن ھەر چاغ ،
بىز قېرىدۇق دىگۈچىلەرگە ،
قانداق سۆزلەر لايىقتۇر بۈگۈن ،
قىيدىمىغىن ھاياتقا ئەمما ،
سېلىپ كەتمىگىن قەلىبكە تۈگۈن ،
ئۆمۈر ئېتىڭنى سالدىڭ بەيگىگە ،
ھاردۇق يەتمىسۇن مەنزىلىڭ يىراق ،
چەتكە قاقمىغىن ياشلىقنى بۈگۈن ،
سوراپقوي ھالىنى بۇلۇپ شام چىراق ،
ئەركە ياشلىقىم كېتىمەن دىدىڭ ،
ئېسىلدىم چىرمىشىپ بىلەكلىرىڭگە ،
ھەر يىلى بايرامنى يار قىلغىن بىزگە ،
تەشنا مەن ھەر نەپەس تىلەكلىرىڭگە ،
( 2 )
گۈل ياشلىغىڭ كىتىمەن دىسە،
قوللىرىغا ئېسىلساڭ بىكار،
بىكار غازاڭ قىلىپ ياشلىقنى،
پۇشايماندا ئۆرتەنسەڭ بىكار.
قېرىلىققا تەن بەرگەنلەرنىڭ،
ئىڭىكىگە سالساڭمۇ بىكار،
ئىككىنچى كۇبلىت شېئېرغا خاتىمە ،
بىكار ،
گۈل ياشلىقىڭ كىتىمەن دىسە،
قوللىرىغا ئېسىلساڭ بىكار ،
بىكار غازاڭ قىلىپ ياشلىقنى،
پۇشايماندا ئۆرتەنسەڭ بىكار.
گۈل ياشلىقىڭ تاشلىسا سىنى ،
مېھمان قىلىپ باقساڭمۇ بىكار ،
ۋىسال شەربىتى كۈتكەن دىللارغا ،
ئەمدى يۈرەكنى ياقساڭمۇ بىكار ،
گۈل ياشلىقىڭ پادىشاھ لىقىڭ ،
سەلتەنەت تەختى توزىدى بىكار ،
قۇرۇق تاغىرى تۇرمايدۇ ئۆرە ،
ئەمدى خىيالى بىكارغا بىكار ،
گۈل ياشلىقى توزىغانلارنىڭ ،
دىۋانىسى بولساڭمۇ بىكار ،
قېرىلىققا تەن بەرگەنلەرنىڭ،
ئىڭىكىگە سالساڭمۇ بىكار،
قۇلاق سالغاندا ئۇلار ۋەزىگە ،
ياشلىقىم بار مىنىڭ دىگىنى بىكار ،
ئارمانىغا باراۋەر دەرمانى يوقتۇر ،
چوككىدە سۆيسەڭمۇ بىكارلا بىكار ،
خىتاپ قىلدىم ئۇلارغا قېنى ياشلىقىڭ ،
تۇماق بىلەن ئۇرامتىڭ دەرمانىڭ بىكار ،
يۈرۈكىڭدە سۆيگۈنىڭ پۇرىقى يوقكەن ،
قېرىغىنىڭدا ئۇرساممۇ ئۇرغىنىم بىكار ،
ئاپتۇرى - مۇھەببەت كۈيچىسى ، ئاقسۇ شەھەر قاراتال بازىرىدىن مۇھەممەتجان سامساق ،
تىلفۇن ئالاقە ئۈندىدار 15599755288
2017-5-4
76 قېتىم كۆرۈلدى |
مۇھەممەتجان سامساق |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2017-5-24 0:07:01 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ