بىلىپ قال دىلىمدىن قالغان ياقتۇرۇپ
يۈركىــــــم قېتىدا بىـــر چوغ يېــلىنجاپ ،
مۇھەببەت بالقىيدۇ سەن ئۈچۈن نىگار .
ـ ۋىـــــــسالىڭ كويــــىدا بېـــقىپ يــولۇڭغا ،
چارچـــــىغان كۆزۈممـــۇ ســاڭا ئىـــــــنتىزار .
تەلپـۈنەر بوغۇم ھەم مىسرالـــــىرىممۇ ،
قەلــىمىم تەۋرىـگەن ئاشىــق بــــــېتىدە .
تاتــــــلىغىم پـــــــاتىمە كـــــۈلــۈشـــلىرىڭمۇ ،
كەتمەيدۇ ھەرۋاقىــت كــۆزۈم قېتىدە .
چىن پۈتتۈم ھەقىقى كۆڭۈل خانەمدىن ،
يېگانەم ئۆزۈڭگە بىر جاي ئاخـــتۇرۇپ .
ئېھتىمال سۆيگۈمدىن بولساڭ دەرگۇمان ،
بىلىپ قال دىلىمدىن قالغان ياقتۇرۇپ .
سەن بىلەن مەڭگۈگە ئۆتسەمكەن دەيمەن ،
دىلــخانەم، سۆيگۈمگە قىلىپ بىر تەخىت .
ئۇزاتقىن قولۇڭنى گۈل چېھرىڭ بىلەن ،
《ئۆركەش》ئۇ مەڭگۈلۈك ساڭىلا بەخىت .
— نۇرئېلى ئابابەكرى - ئۆركەش
2015-يىل 10-سېنتەبىر
چىن يۈرەكتىن سۆيگەن پاتىمەيىمگە بېغىشلايمەن !!!
166 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرئېلى ئابابەكرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-10 23:30:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-12-25 22:51:47 | نەرگىز |
بۇ شېئىر شۇنداق جانلىق چىقىپتۇ ، مەن بەكلا ياقتۇردۇم ، ئۇكام تېخىمۇ تىرىشىڭ ، كەلگۈسىڭىز پارلاق ،ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن !!! |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|