جانىم ئانا سەنچىلىك
كۆيدۈم دىدى گۈزەللەر كۆيەلمىدى سەنچىلىك ،
سۆيدۈم دىدى ۋەلىكىن سۆيەلمىدى سەنچىلىك .
ھىچ مىننەتسىز مېھنەتنى بىرەلمىدى سەنچىلىك ،
چىن ساداقەت ۋاپانى بىلەلمىدى سەنچىلىك .
ئازابىمغا قايغۇرۇپ يۈرەلمىدى سەنچىلىك ،
دىمەك ئانام ئۇلۇغ زات باتۇر بارمۇ سەنچىلىك ،
نازلىغان شۇ نازىنىن ماڭا يارمۇ سەنچىلىك .
مىنىڭ ئۈچۈن مىڭ ئۆلۈپ جان ئاتارمۇ سەنچىلىك ،
كىرەك بولسا مىنىڭچۈن قان ساتارمۇ سەنچىلىك .
ماڭا شۇنداق كۆيگەنلەر ئۆلەلمىدى سەنچىلىك ،
كىسەل بولسام دوختۇرغا يىلىنمىدى سەنچىلىك ،
نالە پەرياد ئاھ ئۇرۇپ تىلىنمىدى سەنچىلىك .
مېھرى ئىللىق ھىچ ئىنسان بىلىنمىدى سەنچىلىك ،
شۇڭا ھىچكىم نەزەرگە ئىلىنمىدى سەنچىلىك .
قايغۇم ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئۆتەلمىدى سەنچىلىك .
پۇل بولمىسا ئايالىم تۇرمايدىكەن سەنچىلىك ،
جاندىن ئەزىز جانىم دەپ كۆرمەيدىكەن سەنچىلىك .
نەپ تەگمىسە بىر ئۆمۈر ئۆتمەيدىكەن سەنچىلىك ،
شۈكرى قىلىپ ئۆتۈشكە كۆنمەيدىكەن سەنچىلىك .
مەن ئۈچۈن بىر شام بولۇپ كۆيەلمىدى سەنچىلىك ،
دوستۇم دىدى نەپ ئۈچۈن ۋاپاسى يوق سەنچىلىك ،
مىنىڭ ئۈچۈن تىرىشقان جاپاسى يوق سەنچىلىك .
چىن دوسلۇقنى بىلمەيدۇ ساپاسى يوق سەنچىلىك ،
بارىمدا بار يوقۇمدا ساداىسى يوق سەنچىلىك .
كۆزۈمدىكى ئازاپنى كۆرەلمىدى سەنچىلىك ،
مەن ئانامنى سۆيىمەن سۆيۈملىك يوق سەنچىلىك،
مەن ئانامغا كۆيىمەن كۆيۈملىك يوق سەنچىلىك .
مەن ئانامغا بەك قايىل بىلىملىك يوق سەنچىلىك ،
كىزىپ چىقساڭ ئالەمنى ئىلىملىك يوق سەنچىلىك .
مەن ئۈچۈن ياشلىقىنى سۇنالمىدى سەنچىلىك .
ئاپتۇرى : ھەزىرتئىلى شەمشەر
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
23 قېتىم كۆرۈلدى | ھەزىرتىئىلى شەمشەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-11 0:37:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|