بىر قىزغا

بىر قىزغا

 

ھاياتلىق ئالىمىدە بىز سودىگەر،

دىل بىرىپ دىل ساتىمىز بىلسىڭىز گەر.

 باغلىنىپتۇ تۇيماستىنلا سىزگە مەيلىم،

 يوشۇرۇپ كەلدىم بۇنى بۈگۈن قەدەر.

 

مەيلىڭىز بارمۇ ماڭا بۇنى بىلمەيمەن،

 سۆيگۈمنى ئىزھار قىلسام چاچماڭ زەھەر.

گەر كۆڭلىڭىز بولمىسا سىلىق رەت قىلىڭ،

قاپاق تۈرۈپ ئاچچىقلانماڭ مومكىنقەدەر.

 

 ئالامسىز قەلبىمنى ساتاي سىزگە،

سىزمۇ ماڭا قەلبىڭىزنى بىرەمسىز؟

 دىل بىرىپ دىل ئىلىش ئەسلى مۇھەببەت،

 يا مۇھەببەت بازىرىدىن قاچامسىز؟

 

 مۇھەببەت بازىرىدا مەن بىر غىرىپ،

 غىرىپلىقتىن قۇتقۇزۇڭ كۆڭۈل بىرىپ.

 مۇھەببەت بىلەن دۇنيا بەكمۇ گۈزەل،

 سۆيگۈمنى قوبۇل قىلىڭ قەلبىم ئىلىپ.

 

 مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما…… مەمەتجان ئەمەت





201 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-12 23:56:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-15 1:59:43 ablitip
bak yah xi yizlip ttu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ