ئەركەك بولساڭ
مەن ئەركەك دىسەڭ ئەگەردە ،
تىللمىغىن قىزلارنى ھەرگىز .
توغرا يولغا باشلاش ئۇلارنى ،
بىزلەر ئۈچۈن پەرىزدۇر-پەرىز .
لىكىن نۇرغۇن نادان ئادەملەر ،
ئۇلار ئۈستىگە قىلماقتا ئەرىز .
ئىگە بولۇش قوغداشنى ھەتتا ،
ئۆزى ئۈچۈن تۇتماقتا پەرھىز .
يوقالماقتا ھۆرمەت سۆزلىرى ،
سەنلىمەكتە دىمەي كەلدى سىز .
تىللاشلا بار ماڭسا خاتاغا ،
ئىيتالمىدى سەۋەپچىلەر بىز .
بۇزۇق دىدى ھەتتا بەزىسى ،
ئۇنتۇماقتا دىيىشنىمۇ قىز .
ھاقارەتلەپ كەلدى دائىما ،
ياخشى سۆز يوق بىرەرمۇ ئىغىز .
بىلدۈرمىگەچ توغرا خاتانى ،
خاتا بولدى ئۇلار باسقان ئىز .
قالمىغاچقا بىزدە دىيانەت ،
ھۇجۇم قىلدى ئۇلارغا ئەيدىز .
ئۇلاردىمۇ پۈتۈن خاتالىق ،
بىزدە يوقمۇ مەسئۇلىيەت قەرىز ،
ئىگە بولۇش قوغداش ئۇلارنى ،
ئىدى بىزگە مەجبۇريەت پەرىز .
يامان كۆرمە دىگەنلىرىمنى ،
دىمە ھەتتا ئىكەن پايدىسىز .
تۈزەلمىسە بىزدە خاتالىق ،
بولالمايدۇ بۇ ئۈممەت ئەزىز .
❤سەبىر ❤ ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى
2015.يىلى 9. ئاينىڭ 9.كۈنى
268 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-20 0:16:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-20 14:02:39 | ھىدايەت |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن. |
2015-9-20 8:45:48 | ئەمەتجان |
تىرشىڭلا amatjan909 يىقىن دوسلۇققا قىتىۋلىڭلا |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|