ئانا تىلىم ۋەيرانە
شېئىرى
مۇساجان ئابدۇل،غولجا
ئېلىپ كەتتى ئەجەل تالاينى،
توسالمىدۇق چارە تېپىشىپ.
ھاياتلىرىمىز ئالمىدۇق ئىبرەت،
يۈرمەكتە بىز يەنە تىركىشىپ.
ئۇرە-ئۇرغا چۈشۇق دائېما،
كۈچىمىزلا يەتكەن ئادەمنى.
شۇڭا بىزدىن قاچاريات مىللەت،
كۆرسە ئېنە، ياكى ئاكامنى.
مىللىتىمنى سورسا، ياشلاردىن،
ئۇيغۇر ئەمەس،ئورغى دەيدىكەن.
ئۆز تىلىدىن شۇنداق كىچەرمۇ،
مەكتەپ ئەمەس،مەيخان دەيدىكەن.
تامام بۇزۇلدى ئانا تىل، توۋۋا،
بىڭگۇي يەنە، بېڭشاڭ دەيدىغۇ.
بىزلەر يېگەن پولۇ، ھەم سامسا،
بۇلار خۇيتاڭ، خوگۇ يەيدىغۇ.
چۆكۈپ كەتتىم خىيالغا تامام،
ئويلاپ ئەبجەش ئۇيغۇرتىلىمنى.
ئۈگۈنەرمۇ بالاممۇ بىركۈن،
جۈۋاۋا،لەڭسەي ياكى مەنجاڭنى.
ۋەتەن ساتسا ساتقۇن دەيدىكەن،
تىلنى ساتقان، ساتقۇن ئەمەسمۇ؟.
تۇمشۇقۇڭنى ئۇشلىماي ئويلان،
مىللەت گۆھرى تىلىڭ ئەمەسمۇ؟.
ئېشەنمىسەڭ بالاڭدىن ئاڭلا،
دىجى جاپى، ۋالىس دىگەننى.
ئەلھەمدۇ يوق ياكى( بىسمىللاھ)،
يېرتىۋىتەر دۈيشاڭ دىگەننى.
يىرمى ئۇيغۇر، ئەبجەش سۆزلىرى،
ئابرۇيمۇ يا؟ ياشلارغا توۋۋا.
مەنمۇ قالماي سىنىڭدىن ئەمسە،
بولە چاققان، تاممادى زوۋۋا.
ئاپتۇرى:مۇساجان ئابدۇل، غولجا
1822643898،ئاپتۇر ئۈندىدارى
2015-7-13
ئەجىرگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قالمىسۇن
213 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-19 1:30:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-19 12:30:10 | amatlik |
aptor.harmigay .rahmat |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|