تاكسى شوپۇرى
ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام
مەن ئۆزۈم بىر تاكسى شوپۇرى،
مەنزىللەرگە ئېتىلغان ئوقيا.
گۈزەل مەنزىل ئىنسان تەلپۈگى ،
مەن شۇلارنىڭ مىسالى گويا.
ئىككى قولدا رولنىڭ دەستىسى،
چاق ئاستىدا ئاق-سېرىق سزاق.
قايناق بازاريولنىڭ رەستىسى،
ھەردوقمۇشتا ئاگاھدىن چىراق.
كېچە -كۈندۈز مىنىڭ خىزمىتىم،
كۆزنۇرۇمدا تۈننىڭ پەردىسى.
ھەقلىق بولغاچ قىلغان مېھنىتىم ،
ماشىنامدا پۇلنىڭ باھاسى.
قىبلە قىلغاچ توغرا ئۆلچەمنى،
تەڭپۇڭلىققا بەردىم ئەھمىيەت.
بەزى نادان چۈشەنمەي بۇنى،
قوللار شىلتىپ بولدى بەتنىيەت.
يەنە بەزىلەر كىراكەشلىكنى ،
دىيىشەركەن ئاسان ئوقەت دەپ.
ئۇلاربىلسە كۆڭۈل غەشلىكنى ،
ھىس قىلىشار بۇمۇ تەسكەن دەپ.
ئەتتىگەندە بوسۇغا ئاتلاپ ،
رىزىق ئىزدەپ چىقىپ كىتىمىز.
ئالدىراشلا قورساقنى كاپلاپ،
مەنزىل بويلاپ يۈرۈپ كېتىمىز.
خەتەرپايلاپ بەزىدە تېخى،
قولتۇقتىنلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
شۇڭا تىلەپ ئاللھتىن ساقلىق ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كتىدۇ.
2015*3*8كۈنى
246 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-30 15:21:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-3 9:47:08 | ئابلەت بودەك |
بۇ شېئىر تەبىئىي رەۋىشتە،ئاپتورنىڭ ئەركىن قەلىمى ئاستىدا چىن يىزىلىپيۇـ قىرىندىشىمىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىشنى ئۇمۇد قىلىمەن ھەم ئاخىرغىچە قوللايمەن!رەھمەت |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|