ۋەتەن
كۆپ يىللارنى ئۆتكۈزۈپ چەتتە،
مەن ئاخىرى كەلدىم ۋەتەنگە .
ئەل يۇرتۇمنىڭ ئىللىق شامىلى،
شىپا بولدى يارلانغان تەنگە .
ئىقبال ئۈچۈن قىلغانتىم سەپەر،
ئەل يۇرتۇمدىن مۇساپىر بۇلۇپ .
چەت ئەللەردە بولساممۇ خاقان،
ئاي كۈن ماڭا كۈرۈندى تۇتۇق .
ئەمدى بىلسەم ئانا ۋەتىنىم ،
ماڭا يۆلەك يېقىن دوس ئىكەن .
بەرپا قىلسام چەت ئەلدە باغچا،
گۈل ئۆسمىدى ياۋا گۈل تىكەن.
چەت ئەللەردە بولغان ۋاختىمدا،
كۈزۈم ئىزلەر ۋەتەنداشلارنى .
دۇئايىمدا ياد ئەتىم دائىم ،
ۋەتەندىكې قېرىنداشلارنى .
ئەل يۇرتۇمنىڭ كەڭرى يايلىقى،
چەت ئەلدىكى باغلاردىن گۈزەل.
بۈلۈپ قويغىن ئەزىزدوسلۇرۇم،
ئانا ۋەتەن ئىكەن بەك ئەۋزەل .
ئەخمەتجان ئەمەر . زىيا
185 قېتىم كۆرۈلدى | ZIYA5200 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-10 14:22:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-15 12:40:22 | @@@ |
ھەقىقەتەن ياخىشى يىزىپ سىز، |
2015-9-13 18:45:52 | baxlamqi |
ياخشى يېزىپسىز تېخىمۇ تىرىشىڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|