ئانامنى ئەسلەپ
دىلدار سەئىد
بىزنى بىقىپ چوڭ قىلغۇچە راھەت كۆرمىگەن ئانام،
ئەمدى راھەت بىرەي دىسەم تۇرماستىن كەتكەن ئانام.
مەنغۇ سەندىن رازى ئىدىم سەنمۇ مەندىن رازى بول،
ئاياللارنىڭ ئىچىدە سەن ئەڭ چىرايلىقىم ئانام .
كونىلارمۇ دەپتىكەن قىزى جىقلار جەننەت كۆرۈر،
ئاللا نىسىپ قىلسا ئانا ياتقان يىرىڭ جەننەت بولۇر.
ئاللا سىنى ئەكەتتى رامىزاننىڭ ئون بەشى،
ئاللا نىسىپ قىلسا ئانا قەبرەڭ سىنىڭ نۇرغا تولۇر.
يۈرۈگۈم پۇچىلىنادۇر ئاخىرقى نەپسىڭدە مەن يوق،
چۈشلىرىمدىن چۆچۈپ قوپوپ ئانا دەپ توۋلىسام سەن يوق .
كەتكىنىڭگە بىردەمدە بولدى بىر يىل مانا،
ۋاقىت دىگەن ئۆتەر ئىكەن ھايات قالغانغا يانا.
يىل بولدى دەپ بەردۇق سەن ئۈچۈن نەزىر مانا ،
كۆزلىرىمنىڭ يىشى قۇرۇپ ئاقماقتا يۈرۈگۈمدىن قانلا.
كۈنلەر ئۆتسە يىقىنلايدۇ كۆرۈشىمىز بىر كۈن يانا،
،شۇ كۈن كەلگۈچە تىلەيمەن ياراتقۇچىمدىن پاناھ.
(ئانا بىز كۆرىشىدىغان شۇ ۋاقىت كەلگۈچە ئاللاھتىن ساڭا جەننەتلەنى تىلەيمەن،ياتقان يىرىڭ جەننەت بولسۇن ئانا)
2015 -يىل 6.ئاينىڭ 15.كۈنى
431 قېتىم كۆرۈلدى | دىلدار سەئىد | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-16 1:38:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|