كىتاپ
ئازغىنە بىر ھاياتتا ئۆزۈڭنى غەمكىن ئەتكىچە،
ئوقۇ دائىم كىتاپنى كۈش-قۇدرىتىڭ يەتكىچە.
بىخۇدلۇقتا ئۆتكۈزمە ۋاقىت دىگەن ئاتقان ئوق،
شۇڭا ئالغىن ئىلىمنى تەندىن قۇۋۋەت كەتكىچە.
نۇرغۇن ئىنسان ھاياتتا تەمتىرەشتە ياشايدۇ ،
تىرىشمايدۇ پەقەتلا نۆل ئۈستىگە ئاشمايدۇ.
ئوقۇمىغاچ كىتاپنى توغرا يولنى بىلەلمەي ،
نۇمۇس قىلماي ھەتتاكى تەغدىرىدىن قاخشايدۇ.
نەزەر سالساڭ ھاياتقا ئىلىم ئۈچۈن كۆيگەنلەر،
تىرىشىدۇ ھەر دائىم بىخۇدلۇقتا ياتمايدۇ .
ھورۇنلۇقتا ئۆتكۈزمەي چىڭ تۇتقاچقا ۋاقىتنى،
كەلگۈسىدە شۇڭلاشقا غەم-ئەندىشە تاتمايدۇ.
ياخشىلارغا قارىغىن كۆپ ئوقۇيدۇ كىتاپنى،
ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ ئىللەتلەرنى تاشلايدۇ.
شۇڭا چىڭ تۇت كىتاپنى يىتەكچى قىل ھاياتقا،
خاتالارنى كۆرسىتىپ توغرا يولغا باشلايدۇ .
شۇڭا دەيمەن ھەر دائىم كۆپ ئوقىغىن كىتاپنى،
دورىمىغىن ھەرگىزمۇ ھورۇن ۋە تىرىك-تاپنى.
كەلسە ئەگەر شەيتانلار بۇ ئىشىڭنى توسۇشقا،
ئەسكە ئالغىن شۇ زامات «ئوقۇ» دىگەن خىتاپنى.
ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى
2015.6.25سەبىر
191 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-25 19:01:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|