قالدىم
تۇرغۇنجان كامال
لەۋلەر يېقىپ سۆيگەنلەر كەتتى،
يۈرىكىمنى تۇتقانچە قالدىم.
ۋەدىسىدىن تانغانلار كەتتى،
ھەسرىتىنى يۇتقانچە قالدىم.
ئەقىدەمگە ئېچىنار قەلبىم،
بىر ھىجراندا كۆيگەنچە قالدىم.
كۆنەلمىگەچ باشقا بىرىگە،
ساداقەتتە سۆيگەنچە قالدىم.
كەتكەن چېغى ئايمۇ سەن بىلەن،
ھەر كېچىدە كۈتكەنچە قالدىم.
ئىزدەپ قالدىم يۇلتۇزلاردىن ھەم،
سەۋرىم بىلەن ئۆچكەنچە قالدىم.
تەھرىر:مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
90 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇنجان كامال | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-27 21:12:38 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|