گۈلۈمنى ئەسلەپ
خىياللار ئىلكىدە ئويلايمەن سېنى،
ۋەسلىڭنى كۆرۈشكە بولۇپ ئىنتىزار .
يۈرەگىم توختىماي كۈيەر لاۋۇلداپ،
تۈنلەردە ئۇيقۇ يوق بولۇپ مەن بىدار.
بىر كۆرۈشكە بولۇپ ئىنتىزار ،
كۆڭۈل يېقىن ئارلىقىمىز يىراق.
كۈندە تەشۋىش كۈندە غەم،
يۈرەكنى قىينايدۇ ھىجران پىراق.
يۈرگۈمدە يانغاچ ساڭا بىر گۈلخان،
قىينايدۇ يۈرەكنى قىينايدۇ ھىجران.
ۋەسلىڭگە يېتەلمەي قالدى مىڭ ئارمان،
گۈلۈمنى سېغىنىپ ئەسلەيمەن ھامان.
يىراقتا بولساممۇ ئەسلەيمەن سېنى ،
تۈگىمەس خىياللار ئىلكىدە يارىم.
ۋەسلىڭنى كۆرۈشكە بولۇپ ئىنتىزار،
يۈرەگىم ئوت بولۇپ قىينالدى جانىم.
سېغىندىم يار سېنى يوق سەن يانىمدا ،
ئەسلەيمەن بىر سېنى كۈندۈز ھەم تۈندە.
يۈرەكتىن كۆيگەچكە پەقەت بىر ساڭا،
ئەسلىمە دىسەڭمۇ ئەسلەيمەن يەنە .
گۈل ئۈزدىم بىر ساڭا ئاتاپ يۈرىمەن،
كۈن تۈن ئىسمىڭنى يادلاپ .
چۈشلىرىمدە كۆرەيمەن سېنى،
ئەمدى مەنمۇ شىرىن ئۇخلاپ .
ئابدۇرەھىم يېڭسار
253 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇرەھىم يېڭسار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-3 8:39:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-3 16:00:57 | م،ئىزچى |
ياخشى يېزىپسىز، بىراق ۋەزىنگە دىققەت قىلغان بولسىڭىز،بۇلۇپمۇ ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى كۇبلىت. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|