بىچارە قىزنىڭ نالىسى
كۆزلىرىمگە چېلىقار ھەر كۈن،
چېھرى سۇلغۇن بىچارە بىر قىز .
كۆزلىرىدە تارام-تارام ياش ،
زىنىقىدا ھەسرەتلىك بىر ئىز.
قىزنىڭ مىسكىن ھالىنى كۆرۈپ،
قاراپ-قاراپ تۇرۇپ كىتىمەن.
بىر تېگى يوق تۇيغۇلار ئارا،
خىياللارغا چۆكۈپ كىتىمەن.
تاقەتلەرگە بىرەلمەي بەرداش،
غەيرەت بىلەن باردىم قېشىغا.
ئۈمۈد بىلەن سورۇدۇم سۇئال،
- قانداق دەرىتلەر كەلدى بېشىڭغا؟
نازۇك تىنى تىترىدى شۇئان ،
كىرپىكىدىن تۆكۈلدى ئۈنچە.
پورەك ئاچماي نەۋ باھار پەسلى،
ئۈزۈلۈپتۇ شېخىدىن غۇنچە.
يۈرۈكۈمگە سانجىلدى خەنجەر،
ۋۇجۇدىمنى ئۆرتىدى ھەسرەت.
بۇ رەھىمسىز ئاچچىق تەقدىرگە،
كۆز ياشلىرىم ئوقىدى لەنەت……
قەلەمدە: قۇرباننىسا ئابلىمىت
188 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-30 16:07:08 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-7-30 16:49:00 | |
بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|